مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
تورخۇمار تور تۇرايى قۇرۇلغاندىن بىرى يالغۇز يېزىلىپ كەلگەن ئىدى ، لىكىن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بىكەتكە سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەك يېڭى يازما يېزىپ بولالمىدىم ، ئەمما ھەرقانچە ئالدىراش بولساممۇ بىكەتنى ئاسراشنى ۋە نازارەت قىلىشنى توختىتىپ قويمىدىم ، گەرچە كەمىنە خېلى بۇرۇنلا ئاپتور قوشىۋىلىشنى ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىك بولۇش سەۋدبىدىن بىكەتتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئوڭشاپ بولالماي ئاپتور قوشىۋىلىش توغۇرلۇق ھىچ ئىش قىلالمىغان ئىدىم ، ئاخىرى بۈگۈن بۇ مەسىلىلەرمۇ تۈزىتىلىپ تۇرايىمىز رەسمىي ھالدا ئاپتور قۇشىۋىلىشنى باشلىدى
شەرتلىرى
-
1- ئاپتور چۇقۇم ساپالىق ، ئېلمىي بولىشى كىرەك
2- تۇراغا يوللىغان يازمىللىرى توربەت ۋە كومپىيوتىر بىلىملىرىنى ئاساس قىلىشى كىرەك
3- تۇراغا ئازدىگەندە 3 تال ھەقسىز ياخشى يازما يوللاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ھەقلىق يازما يوللىسا بولىدۇ
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
-
1- ھەقلىق يازمىلارنى تۇرادىن ھىچقانداق تەمىنلەش ئېلىپ بىرىلمەيدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقلىق يازما يوللىغاندا ئۈندىدار ياكى كوت – كود ئارقىلىق سودىلىشىش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ ، تۇرايىمىز مەزكۇر سودا ئۈچۈن ھىچقانداق مەسئۇلىيەت ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ
2- قويمۇچىلىق قىلىشقا ۋە تورداشلارنى ئالداشقا يول قويۇلمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ دەلىللەش ئېلىپ بارىشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنى ئالدايدىغان ئىشلار يۈز بىرىپ قالسا ئۇچۇرىڭىز زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىغا ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرىغا تەمىنلەپ بىرىلىدۇ
ئاخىرىدا بىكەت كىلىشىمىنى تولۇق ئوقىغاندىن كىيىن تىزىملىتىپ مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز دەرىجىڭىزنى ئاپتورلۇققا كۆتۈرۈپ تەڭشەپ بىرىمەن ، ئاخىرىدا تورخۇمارنى قوللاپ كەلگەن بالىق تورداشلارغا چىن كۆڭلەمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ، رەھمەت سىلەرگە …
ھازىرچە ئىنكاس قىلىدىغان مەزمۇن يوق